Wq/ug/ماقال-تەمسىل:ئابدال

From Wikimedia Incubator
< Wq‎ | ug
Wq > ug > ماقال-تەمسىل:ئابدال

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى[edit | edit source]

  • ئابدال ئاتقا مىنسە باي بولدۇم دەر، چامغۇر ئاشقا كىرسە ماي بولدۇم (دەر).
    بۇ، تۇرمۇشتا ئاز - تولا مەنپەئەت، راھەتكە ئېرىشىپ، بۇرۇنقى رىيازەتلىك، غۇربەتچىلىك كۈنلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىلەرنىڭ ماختانچاقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
  • ئابدال تەكىبىدە، ھاجى مەككىدە
    بۇ ھەركىم، ھەر نەرسە ئۆز خىلى، ئۆز دائىرىسىدە، ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان ئورۇندا تۇرۇش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.
  • ئابدالغا كەپسەن بەرسە، جىڭىڭ راستمۇ، دەپتۇ.
    بۇ، بىراۋنىڭ خالىسانە ياردىمىگە مىننەتدارلىق، رازىمەنلىك بىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا بەزى كىشىلەرنىڭ ئىنساپسىزلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
  • ئابدالنىڭ دوستلۇقى كەنت كۆرۈنگىچە
    بۇ، بىر كىمگە ھاجىتى چۈشۈپ، ئىشىنى پۈتكۈزىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزىنى قاچۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈزسىز، نامەردلىكىنى بىلدۈرىدۇ.